باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، يەرلىك باج ئىدارىسى پايدا ئالمايدىغان كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىغا باجدا ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2013.11.08 15:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭ يىڭچۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسى يېقىندا بىرلىكتە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ بېجىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى››نى ئېلان قىلدى. ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا پايدا ئالمايدىغان كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ باجدا ئېتىبار بېرىشتەك بىر يۈرۈش سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخس قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەر مەبلەغ سېلىپ قۇرغان پايدا ئالمايدىغان كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى ئىچىدىكى باجنى كەچۈرۈم قىلىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىدىن كارخانا تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى تەمىنلىگەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كىرىمىدىن تىجارەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى ئۆزى ئىشلىتىدىغان ئۆي – جاي، يەردىن ئۆي – جاي بېجى، شەھەر، بازارلارنىڭ يەر ئىشلىتىش بېجى ۋاقتىنچە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا يەنە كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى ئارقىلىق، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى ھەدىيە قانۇنى››دا بەلگىلەنگەن جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا قىلغان ئىئانىسىنىڭ يىللىق پايدا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %12ىدىن ئېشىپ كەتمىگەن قىسمىنى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىدىن چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، شەخسلەر ئۆزىنىڭ تاپاۋىتىنى جۇڭگو زېمىنىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، دۆلەت ئورگانلىرى ئارقىلىق پايدا ئالمايدىغان كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىغا ئىئانە قىلغان بولسا، ئىئانىنىڭ باج تاپشۇرغۇچى مەلۇم قىلغان باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنىڭ %30ىدىن ئېشىپ كەتمىگەن قىسمىنى شەخسنىڭ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىدىن چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر