باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىپمىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلدى

2013.11.07 17:08         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 5-نويابىر تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە ، بېيجىڭ شەھىرى بىلەن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياڭكو شەھىرى جۇڭگو ئولىپمىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىغا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە ئىلتىماس سۇنغان .

  جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولغان . جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ قارىشىچە ، بېيجىڭ شەھىرى بىلەن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياكو شەھىرى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشتىكى تەبىئىي شارائىت ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى ھازىرلىغان . 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش جۇڭگونىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ ، مەملىكىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىپ ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن ھەمدە بېيجىڭ ، خېبېي ئىككى جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ماس قەدەملىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىكەن . جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نامىدا خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىغا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسى سۇنۇشقا رەسمىي قوشۇلغان ، بۇنىڭدا بېيجىڭ شەھىرى مۇز ئۈستى مۇسابىقە تۈرلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ، خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكو شەھىرى زۇڭلى ناھىيەسى قار ئۈستى مۇسابىقە تۈرلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدىكەن . جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىغا رەسمىي ئالاقە ئەۋەتىپ ، بېيجىڭ شەھىرىنى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان شەھەر نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن . بۇ قېتىم بېيجىڭ شەھىرى ، خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكو شەھىرىنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن .

  خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتى 2014-يىلى 7-ئايدا نامزات شەھەرلەرنى ئىلتىماس قىلىشنى بېكىتكەن ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزىدىغان شەھەر 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 127-قېتىملىق يىغىنىدا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر