باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغۇرۇش كۆلىمى 35 مىليون مودىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا چىقتى

2013.11.08 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2013-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغۇرۇش كۆلىمى 35 مىليون مودىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون (شەھەرلەر) ئالدىدا تۇرۇپ، دۆلىتىمىز، ھەتتا دۇنيا بويىچە يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغۇرۇش مۇجەسسەملەنگەن ئەڭ چوڭ رايون بولۇپ قالدى. مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغۇرۇش كۆلىمى 37 مىليون 500 مىڭ موغا يېتىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى 5 يىلدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغۇرۇش تېخنىكىسىنى يەنە يىلىغا يېڭىدىن 4 مىليون مودىن ئاشۇرۇپ قۇرۇش سۈرئىتى بويىچە كېڭەيتىدىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر