باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خاماس تۇنجى قېتىم ئايال باياناتچى تەيىنلىدى

2013.11.07 17:15         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتتىق قوللۇقى بىلەن نام چىقارغان پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى تەشكىلاتى(خاماس) يېقىندا چەت ئەلدە ئوقۇپ كەلگەن بىر قىزنى بۇ تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى قىلىپ تەيىنلىگەن . چەت ئەل تاراتقۇلىرى ‹‹خاماس بۇ ئارقىلىق تەشكىلاتنىڭ مۇلايىم ئوبرازىنى تىكلىمەكچى ›› دېدى .

  ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن IslaMukdale زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، دادىسى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن . IslaMukdale ئەنگىلىيەدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، مۇخبىرلىق بىلەن شۇغۇللانغان . ئۇنىڭ قىزىقىشى يېزىقچىلىق بولۇپ ، ئىلگىرى كىنولارغا رېژېسسورلۇقمۇ قىلغان . ئۇ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ بىر يىلغا يېقىن ئويلىنىش ئارقىلىق خاماسنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتقان . بۇنىڭدىن كېيىن ، ئۇ خاماسقا ۋاكالىتەن ئېنگىلىز تىلىدا ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن ئالاقە ئېلىپ بارىدىكەن .

  غەززە خاماس ئاخبارات ئىشخانىسى مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە ، خاماس نۆۋەتتە بىر تۈرلۈك ‹‹ ئوبرازنى ئۆزگەرتىپ ، دۇنيا بىلەن سۆزلىشىش ›› پىلانىنى تۈزگەن بولۇپ ، ئايال باياناتچى تەيىنلەش بۇ پىلانىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەن .

  بېشىغا ياغلىق ئارتىۋالغان ، چىرايىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇ چىرايلىق قىز مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ دۇنيا بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئېلان قىلغان خەۋەرلەرنىڭ ‹‹ ئىزى ›› غا چۈشۈش ئۈچۈن ، ئىبرانى تىلىنى ئۆگەنمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى رەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر