ئولېمپىك مۇقەددەس ئوتى تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا يەتكۈزۈلىدۇخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 7-نويابىر، رۇسىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى مىخايىل چيۇلىن، ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى لىكې ماسىتېلاجىئاۋ ۋە ياپونىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى روتيەن گۇاڭيى كېلەر قېتىملىق «ئىتتىپاق» ناملىق ئالەم كېمىسى ۋەزىپىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، ئولېمپىك مۇقەددەس ئوتىنى تۇنجى قېتىم خەلقئارا ئەرش پونكىتىغا ئېلىپ چىقىدۇ. 6-نويابىر، ئۇلار قازاقىستاندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە بىرلىكتە سوچى قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەشئىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ خاتىرە سۆرەتكە چۈشتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى