باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى(1)

2013.11.07 17:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 37-نۆۋەتلىك يىغىنىدا جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە ئەزاسى خاۋ پىڭ يىغىننىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. بۇ مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو ۋەكىلىنىڭ تۇنجى قېتىم يىغىننىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى دۇ يۆ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: خاۋ پىڭنىڭ مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىشى جۇڭگو بىلەن مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا يېڭى سەھىپە ئېچىپ بېرىدۇ.

  مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ئورگىنى، 1946-يىلى قۇرۇلغان. باش ئورگىنى فرانسىيەنىڭ پارىژدا. بۇ ئورگاننىڭ باش مەقسىتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئۆزئارا چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش. جۇڭگو مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ ئورگان مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى، پىلان ۋە خامچوتلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدۇ. يىغىن رەئىسىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئىككى يىل بولىدۇ، مائارىپ، پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتكە ئالاقىدار خەلقئارا قائىدە ۋە ئۆلچەملەرنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ، بۇ تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە يىغىنىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ، مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.

  دۇ يۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى يىغىنى رەئىسى باشقىدىن سايلىنىپ، نۆۋەت ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى نامزات كۆرسەتتى. مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 192-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە ھەيئىتى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر تولۇق ئويلاشقان ئاساستا ئىجرائىيە ھەيئىتىگە جۇڭگولۇق نامزات خاۋ پىڭنى بىردەك كۆرسەتتى. مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچى ۋە نازارەت قىلغۇچى ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، خاۋ پىڭنىڭ مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 37-نۆۋەتلىك يىغىنى رەئىسىنىڭ بىردىن بىر نامزاتى بولۇشىنى تەستىقلىدى. مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا ئەزا 195 دۆلەتنىڭ يىغىندا بېكىتىشى ئارقىسىدا شۇ يەر ۋاقتى 5-نويابىر چۈشتىن كېيىندىن ئېتىبارەن خاۋ پىڭ مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر