باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكىدىن يۈز ئۆرۈگەن بىلەن كۆڭلى يەنىلا ئامېرىكا بىلەن بىللە(1)

2013.11.07 17:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  توردا مودا بولغان بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، يېقىندىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېرىكىغا بىر ئاز ھاكاۋۇرلۇق قىلماقتا. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزا دۆلەتلىك ئورنىنى رەت قىلىشتىن ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئازايتىمىز دېيىشكىچە بۇلارنىڭ ھەممىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بۇرۇنقى ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكىغا قارىتىلغاندەك تۇرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاخبارات تارمىقىنىڭ باشلىقى باندالنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار قىلغان زور تەڭشەش دېگەن سۆزلىرى ۋاشىنگتوننى تېخىمۇ ئەنسىزلىككە سېلىپ قويدى. بۇنىڭدىن «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى زىيارىتىنى «تىزگىنلەشكە زىيان سېلىش سەپىرى» دېگەن سۆزىنى چۈشىنىۋېلىش تەس ئەمەس.

  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «ئەرەب مۇقەددەس شەھەر گېزىتى» كېررى ئەنئەنىۋى رايون ئىتتىپاقدىشى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئازار يېگەن كۆڭلىگە تەسەللى بەرمەكچى بولدى دەپ يازدى. دەرۋەقە، ئامېرىكىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئىران بىلەن يېقىنلىشىش، مىسىر ھەربىي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش، سۇرىيە ۋە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە قۇرۇق گەپ قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلماسلىق قاتارلىق ھەرىكەتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتۇپ ئۈمىدسىزلەندۈردى. مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كېررى بۇ قېتىم زىيارىتىدە ئىتتىپاقدىشىغا «سەئۇدى ئەرەبىستانى مىسىر سىياسىي قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ سەركىسىگە ئايلاندى. ئامېرىكا-سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش-ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكى ھەم بۇ رايوننىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى مەزگىلىگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم» دېگەندەك چىرايلىق سۆزلەرنى قىلدى. ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستانىمۇ زامانغا باققان دانىشمەن دېگەن يوسۇندا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىلا پۇختىلىقى، دەز كەتمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، پەقەت سۇرىيە مەسىلىسىدە «سەئۇدى ئەرەبىستانى سۆزلىشىش ئارقىلىق كىرىزىسنى ھەل قىلىشنى خالايدۇ، بىراق چەكسىز كەينىگە سۆرەشكە بولمايدۇ» دېگەن سۆزلەرنى قىلدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى گەرچە كۆرۈنۈشتە قاتتىق گەپ قىلىپ، ئىپادىسىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا بىلەن يىراقلىشىش، كۆڭلى سوۋۇشتەك ئىشلارنى قىلمايدۇ. ئەكسىچە، تەبىئىيلا ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقدىشىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر