باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا بازارلاشتۇرۇشنى نىشانلاپ، تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش لازىم

ــ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا

2013.11.08 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، زور جاسارەت ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مۈلۈك ھوقۇق قۇرۇلمىسى، تىجارەت مېخانىزمى، تىپىنى ئۆزگەرتىش-دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن باشلاپ قول سېلىپ، بىرقاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى قوزغاتتى.

  خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئاستىلاۋاتقان شارائىتتا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي پايدىسى 992 مىليار 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.4 ئاشقان، ئانا شىركەتكە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىغا تەۋە ساپ پايدا 478 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتكەن، %12.5 ئېشىپ، مۇقىم ئېشىش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. پاي چېكى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن بازارنى چوڭقۇر دەرىجىدە بىرلەشتۈرىدۇ

  دۆلەت كارخانىلىرى، مەركەز كارخانىلىرى تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دۆلەت كاپىتالى بولغاندىكىن دۆلەت ئىگە بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، پاي چېكى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كۆپ قىسىم دۆلەت كارخانىلىرى تۈزۈمىنى كۆپ پايچېكلىك كارخانىغا ئۆزگەرتىپ، بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى مەركەز كارخانىلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا پايچېكىنى ئارقا-ئاقىدىن بازارغا سالدى. ھەتتا بۇرۇن «پاي چېكىنى بازارغا سېلىشى مۇمكىن ئەمەس» دەپ قارىلىپ كەلگەن مەركىزىي ھەربىي سانائەت كارخانلىرىمۇ كەينى-كەينىدىن كاپىتال بازىرىنىڭ سەھنىسىگە قەدەم قويدى. (بەي تيەنلياڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر