خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بوزانادا بىر چىشى شىرنى كىچىكىدە شىر توپى تاشلىۋەتكەن بولۇپ، شۇ يەرلىك ئىككى پەرۋىشچى گېلۇنا ۋە لاجياشى ئۇ شىرنى قۇتقۇزۇۋېلىپ باققان.
بۈگۈنكى كۈندە كىچىك شىر پەرۋىشچىلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ بېقىشى ئارقىلىق، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 50 كلوگراملىق قاۋۇل شىرغا ئايلاندى. كىچىك شىر پەرۋىشچىلەر بىلەن ناھايىتى ئېچەكىشىپ كەتكەن بولۇپ، پەرۋىشچىنىڭ ئۆزىنى قۇچاقلاپ قويۇشىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، پەرۋىشچىنىڭ قۇچىقىدىكى ھالىتى ناھايىتى ئىللىق تۇيۇلىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر