باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى بەش خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى زور كىشىلەرگە قارىتا بالدۇر دىياگنوز قويۇپ، بالدۇر داۋالاشنى يولغا قويدى

2013.11.06 15:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇدا بەش يىل ‹‹شەھەردە راك كېسىلىگە بالدۇر دىياگنوز قويۇپ، بالدۇر داۋالاش تۈرى››نى يولغا قويىدىكەن، يىلىغا ئۆپكە راكى، چوڭ ئۈچەي راكى، سۈت بېزى راكى، يۇقىرى ھەزىم قىلىش يولى راكى، جىگەر راكىدىن ئىبارەت بەش خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى زور 50 مىڭ كىشىنى ھەقسىز تەكشۈرىدىكەن.

  يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىمچە، 2013 – يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت مەملىكەت بويىچە 12 ئۆلكىدە كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان بەش خىل راك كېسەللىكىگە قارىتا خەتەرلىك ئامىل تەكشۈرۈشى بىلەن كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى زور كىشىلەرنى باھالاش، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى تەكشۈرۈپ تاللاپ چىقىش ۋە سەھىيە ئىقتىسادشۇناسلىقى بويىچە باھالاش خىزمىتىنى يولغا قويغان، ئۈرۈمچى شەھىرى تۈر شەھىرى بولۇپ تاللانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈر ئاساسلىقى شەھەرلەردىكى ئۆپكە راكى قاتارلىق كۆپ كۆرۈلىدىغان بەش خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى زور شەھەر ئاھالىسىنى تەكشۈرۈپ تاللاپ چىقىدىغان ۋە بالدۇر دىياگنوز قويۇپ، بالدۇر داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ۋە باھالاپ، ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش خىزمەت سىستېمىسى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرلەردىكى راك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇش نىسبىتى، قايتا قوزغىلىش نىسبىتى، مېيىپ بولۇپ قېلىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سەھىيە ئىقتىسادشۇناسلىقى بويىچە باھالاش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان، سېلىنما – ھاسىلات نىسبىتى يۇقىرى بولغان راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى تەكشۈرۈپ تاللاپ چىقىش بىلەن بالدۇر دىياگنوز قويۇپ، بالدۇر داۋالاش تېخنىكىسى ۋە لايىھەسىنى تېپىپ چىقىپ، مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرىدىكەن.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر