باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى شاڭخەي سانائەت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلدى

2013.11.06 15:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 15 – نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا سانائەت كۆرگەزمىسى 5 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن شاڭخەي يېڭى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كۈرەش مەخسۇت كۆرگەزمىخانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا شىنجاڭ كارخانىلىرى ۋە تەرەققىيات رايونى مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆرگەزمە قىلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى ھەم جابدۇق ياسىمىچىلىقى كارخانىلىرى ۋە تەرەققىيات رايونىنى يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە كەسىپ يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپىنى تېز گۈللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

  بۇ نۆۋەتلىك سانائەت كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى 360 كىۋادرات مېتىرلىق ئالاھىدە زىننەتلەنگەن كۆرگەزمە رايونى سېتىۋالدى، بۇنى ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك سانائەت كۆرگەزمىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 12 جابدۇق ياسىمىچىلىق كارخانىسى مانتىيور ئېلېكتىرىك، يېڭى ئېنېرگىيە، ئەسۋاب – ئۈسكۈنە ۋە نېفىت قىدىرىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ئەڭ يېڭى مەھسۇلات ۋە تېخنىكىسىنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق بەش نازارەت، ئىدارە (ئىشخانا)، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، تەرەققىيات رايونى ۋە 16 كارخانىنىڭ 122 ۋەكىلى بۇ نۆۋەتلىك سانائەت كۆرگەزمىسىنى كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر