- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ھىندىستان مارسنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى قويۇپ بەردى
2013.11.06 15:48 مەنبە: خەلق تورى
2013-يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە، ھىندىستان«مانگاليان» ناملىق تۇنجى مارسنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئاندرا ئۆلكىسىنىڭ شرىخارىكوتا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئورنىدىن قويۇپ بېرىلدى. «مانگاليان» يەر شارىنى ئايلىنىپ 20 ~ 25 كۈن ئۇچقاندىن كېيىن مارسقا قاراپ يول ئېلىپ، 780 مىليون كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، كېلەر يىلى 24-سېنتەبىر مارس ئەتراپىدىكى ئوربىتاغا يېتىپ بارىدۇ. ھىندىستان جامائەتچىلىكى بۇ ھىندىستاننىڭ مارسنى تەكشۈرۈش ساھەسىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ھىندىستان ئالەم تېخنىكىسى تەرەققىياتىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئىش دېيىشتى. يەنە بەزىلەر تەھلىل قىلىپ، ۋاقىت قىس، سېلىنما ئاز بولۇپ قالغانلىقتىن، «مانگاليان»نىڭ مارس ئەتراپىدىكى ئوربىتاغا يېتىپ بارالايدىغان-بارالمايدىغانلىقىغا كېسىپ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ، دېيىشتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر