خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-نويابىر، ساقچىلار بېنگال پايتەختى داككادا قاراۋۇللۇق قىلماقتا. شۇ كۈنى بېنگال پايتەختى داككادىكى بىر سوت 152 ئادەمنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى، ئۇلارنىڭ جىنايىتى بولسا 2009-يىلى بېنگال چېگرا مۇداپىئە قىسىم باش شتابىدىكى توپىلاڭغا قاتناشتى دېيىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سوت يەنە 161 ئادەمنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، 262 ئادەمنى 3 يىلدىن 10 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، 271 ئادەمنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بەردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر