باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى چەت ئەلگە قاچقان ئون ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى، دېلوغا چېتىشلىق سومما 500 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ

2013.09.25 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج خ مىنىستىرلىقىنىڭتور بېكىتىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ زور ياردىمى بىلەن، ج خ مىنىستىرلىقى مالايسىياغا بېرىپ چەت ئەلگە قاچقان ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارلىرىنى مەركەزلىك تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 10 نەپەر چوڭ ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىپ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كەلدى، دېلوغا چېتىشلىق سومما 500 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. نۆۋەتتە، تۇتۇپ قايتۇرۇپ كېلىنگەن 10 نەپەر چوڭ ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارى دېلوغا چېتىشلىق جايدىكى ج خ تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ج خ تارماقلىرى خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەلگە قاچقان ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ چەت ئەلگە خۇپىيانە قېچىش ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە تارقىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن،ج خ مىنىستىرلىقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە ئىنچىكە پىلانلاپ ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مالايسىياغا قېچىپ بېرىۋالغان جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارلىرىنى مەركەزلىك تۇتۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ باردى. ج خ مىنىستىرلىقى مەخسۇس قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، مىنىسستىرلىك رەھبەرلىرى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلدى ۋە ماسلاشتۇردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ تارماقلىرىدىن تاللانغان سەرخىل خادىملاردىن ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ چېگرا سىرتىدا تۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان ساقچىلار جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، تۇرمۇش ۋە تىل جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئېلىمىزنىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە مالايسىيا قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، نۇرغۇن جاپالىق ۋە ئىنچىكە خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. (ساۋ شاۋنيەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر