- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2015-يىلى كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ سۈرئىتى شەھەرلەردە 20 گىگابايتقا، يېزىلاردا 4 مىگابايتقا يەتكۈزۈلىدۇ، تورنىڭ سۈرئىتى تېزلىشىپ، باھاسى چۈشىدۇ
2013.09.25 15:48 مەنبە: خەلق تورى
گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «<كەڭ بەلباغلىق جۇڭگو> ئىستىراتېگىيەسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش لايىھەسى»دە كەڭ بەلباغلىق تورنى تۇنجى قېتىم دۆلەت نۇقتىسىدىن «يېڭى دەۋردىكى ئېلىمىز ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەسى» دەپ بېكىتىلدى. «كەڭ بەلباغلىق تور» قانچىلىك تېز بولۇشى كېرەك؟ شەھەر-يېزىلار ئارىسىدىكى رەقەم ھېڭىدىن قانداق ھالقىپ ئۆتۈش كېرەك؟سانائەت ۋە ئۇچۇرچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شاڭ بىڭ يېقىندا جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئىنتېرنېتقا چىقىپ خەۋەر كۆرۈش، ئېلخەت يېزىش ۋە قوبۇل قىلىش، ئىزدەش، مۇزىكا ئاڭلاش قاتارلىقلارغا 2 ~ 10 مىگابايتلىق سۈرئەت بولسىلا يېتىدۇ. لېكىن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ تور سىن ماتېرىياللىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى سەۋەبىدىن بىر تېخىمۇ تېز سۈرئەتكە موھتاج بولۇۋاتىمىز.
«كەڭ بەلباغلىق جۇڭگو» ئىستىراتېگىيەسىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2015-يىلىغا بارغاندا كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ سېكونتلۇق سۈرئىتى شەھەرلەردە 20 گىگابايتقا، يېزىلاردا 4 مىگابايتقا يەتكۈزۈلىدۇ. تەرەققىي تاپقان بىر قىسىم شەھەرلەردە 50 ~ 100 گىگابايتلىق كەڭ بەلباغلىق تور ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈلىدۇ، ئۈچ ئۆلچەملىك (3G)تور شەھەر-يېزىلارنى قاپلايدۇ، تۆت ئۆلچەملىك (G4)تور سودا ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. ئىستىراتېگىيەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەرەققىيات ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسلانغاندا، 2014-2015-يىللىرى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش باسقۇچى بولۇپ، تور بىلەن قاپلاش مەسىلىسى نۇقتىلىق ھەل قىلىنىدۇ، ئابونېنتلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. 2015-يىلدىن كېيىن ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش باسقۇچى بولۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، تېزلىك، بارلىق، مىقدار ۋە باھا مەسىلىسى قەدەممۇقەدەم ھەل قىلىنىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر