باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو تور ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئادەمسىز ئايروپىلان تېخنىكىسىنى ئوغرىلىدى دېگەن خەۋەر تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك

2013.09.25 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 2013-يىل 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. خۇڭ لېي ئالدى بىلەن بىر ئۇچۇرنى ئېلان قىلدى: گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ 26-چېسلا شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2013-يىللىق ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ۋە مەخسۇس تېمىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

  سۇئال: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى يېقىندا جۇڭگونىڭ ئادەمسىز ئايروپىلان ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ئاساسلىقى تور قەستكارلىرى ئارقىلىق «ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلىغانلىقى»دىن بولغان دەپ خەۋەر بەردى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

  جاۋاب: مەن ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىۋاتىمەن. جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە تېخنىكا تەرەققىياتى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگو خەلقىنىڭ جاپالىق ئەجرىنىڭ، جۇڭگونىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىشقا ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سالغانلىقى ۋە پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. جۇڭگو بىلەن ئامىرىكا تور ئىشلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇردى، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسى راۋان بولۇۋاتىدۇ. تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان بۇنداق خەۋەرلەر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىشىپ تور بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىسىز. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر