باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كېنىيە زۇڭتۇڭى تېررورچىلارنى مەغلۇب قىلغانلىقىنى جاكارلىدى

2013.09.25 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتتا شۇ جاي ۋاقتى 24-سېنتەبىر كەچتە سۆزلىگەن تېلېۋىزىيە نۇتقىدا مۇنداق دېدى: كېنىيە نايروبىدىكى ۋېستگەيت مال سېتىۋېلىش مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغان تېررورچىلارنى مەغلۇب قىلدى، بەش تېررورچى ئېتىپ تاشلاندى، 11 گۇماندار قولغا ئېلىندى.

  كېنياتتا بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 61 پۇقرا ۋە ئالتە ئەسكەر قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى ۋە 25~27-سېنتەبىرنى كېنىيەنىڭ مەملىكەتلىك ماتەم كۈنى قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. كېنىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 24-چېسلا ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى ھەققىدەماقالە ئېلان قىلدى. كېنىيە قىزىل كىرىست جەمئىيىتى تاراتقۇلارنى يەنە 51 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنىدى.

  جۇڭگونىڭ كېنىيە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ خادىمى مۇخبىرىمىزغا تېررورلۇق ھۇجۇمدا يارىلانغان 13 ياشلىق جۇڭگولۇق ئوغۇلنىڭ ئەھۋالى تۇراقلاشقانلىقىنى، بىرەر ھەپتىدىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر