باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ياپونىيەدە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە قارشى سىستېما ئورنىتىشى» ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقىغا پايدىسىز

2013.09.24 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 23-چېسلا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي «ياپونىيەنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ياپونىيەدە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە قارشى سىستېما ئورنىتىشىغا ماقۇل بولغانلىقى»غا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، بۇ قىلمىش ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىسىز.

  خۇڭ لېي مۇنداق دېدى، جۇڭگو ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. جۇڭگو مۇنداق قارايدۇ، ئايرىم دۆلەت ياكى گۇرۇھلارنىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو قورالى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا «تەھدىتى»نىڭ ئالدىنى ئېلىشنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە قارشى سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇشى ياكى گۇرۇھ ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشى قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ھېچقانداق رول ئوينىمايدۇ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىسىز، شۇنداقلا يەر شارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. (سۇ نەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر