باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى ليۇ جىجۈن دېلوسىدىكى مۇھىم شەخس دىڭ شۇمياۋ بۈگۈن سوتلاندى

2013.09.24 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سەنشىلىك ئايال سودىگەر دىڭ شۇمياۋ (يەنە بىر ئىسمى دىڭ يۈشىن) نىڭ قانۇنسىز تىجارەت جىنايىتى ۋە پارا بېرىش جىنايىتىگە چېتىلىش دېلوسىنى ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى. بۇ يىل 9-ئاينىڭ 7-كۈنى، تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى ليۇ جىجۈن دېلوسىنىڭ سوتى ئاياغلاشتۇرۇلۇپ ھۆكۈم ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭ يېقىنى جاڭ شۇگۇاڭمۇ ئەيىبلەندى، ئارقىدىنلا مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق يەنە بىر مۇھىم شەخس دىڭ شۇمياۋ بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 2-شۆبە مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى، 2-ئوتتۇرا سوت خەلق مەھكىمىسى دېلونى قوبۇل قىلدى. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، دىڭ شۇمياۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولغا خېرىدار چىقىش تۈرىدىن 3 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق «تاپان ھەققى»نى ئالغان، دەپ ئەيىبلەنگەن.

  دىڭ شۇمياۋ، 58 ياش، ئىلگىرى بېيجىڭ بويوۋ مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولغان. مەزكۇر شىركەتنىڭ تېجارىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئۈسكىنىلىرى، كىنو-تېلېۋىزىيە ئېلانى ۋە مېھمانساراي قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 1997-يىلى، دىڭ شۇمياۋ شۇ ۋاقىتتىكى بېيجىڭ تۆمۈريول ئىدارىسى لىنفىن شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لو جىنباۋ ئارقىلىق شۇ ۋاقىتتىكى تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ جىجۈن بىلەن تونۇشقان. شۇنىڭدىن كېيىن، ليۇ جىجۈن دىڭ شۇمياۋنىڭ ۋاگون ئېلىش پىلانىغا ياردەم بەرگەن. 2011-يىلىنىڭ بېشىدا، دىڭ شۇمياۋ قانۇنسىز تىجارەت جىنايىتى ۋە پارا بېرىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان. (يىن شېن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر