باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى يازما ئەسەرلەرنىڭ قەلەم ھەققى توغرىسىدا جەمئىيەتتىن پىكىر ئالدى، قەلەم ھەققى 2 ~ 4 ھەسسە ئۆسۈشى مومكىن

2013.09.24 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى 23-چېسلا «يازما ئەسەرنى ئىشلىتىشكە قەلەم بېرىش چارىسى (تۈزىتىشكە پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلىپ، ئىجادىي ئەسەر، يايما ئەسەرلەرنىڭ قەلەم ھەققى ئۆلچىمى ۋە نەشر بېجى نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

  «چارە»دە ئىجادىي ئەسەر ۋە يايما ئەسەرلەرنىڭ ئاساسىي قەلەم ھەققى ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن چېكى 2~ 4 ھەسسە ئۆتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىجادىي ئەسەرنىڭ قەلەم ھەققى ئۆلچىمى ھەر مىڭ خېتىگە 100‐‐150 يۈەن، ئۆزگەرتىپ يېزىلغان ئەسەر، توپلام قىلىنغان ئەسەر ۋە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەردىن ئىبارەت ئۈچ خىل يايما ئەسەرنىڭ قەلەم ھەققى ھەر مىڭ خېتىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 30‐‐ 150 يۈەن، 10‐‐30 يۈەن ۋە 80‐‐300 يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى. 1999-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «نەشر قىلىنغان يازما ئەسەرگە قەلەم ھەققى بېرىش بەلگىلىمىسى»دە، ئىجادىي ئەسەر، ئۆزگەرتىپ يېزىلغان ئەسەر، توپلام قىلىنغان ئەسەر ۋە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرگە بېرىلىدىغان قەلەم ھەققى ئۆلچىمى ھەر مىڭ خېتىگە 30‐‐100 يۈەن، 10‐‐50 يۈەن، 3‐‐10 يۈەن ۋە 20‐‐80 يۈەن ئىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر