باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۆكتەبىردىكى «ئالتۇن ھەپتە» دە شىنجاڭدىكى سەيلىگاھلارنىڭ كىرىش بېلىتىدە %10 ئېتىبار بېرىلىدۇ

2013.09.24 11:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات–ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 24 - سېنتەبىر ھۆججەت چۈشۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئۆكتەبىردىكى «ئالتۇن ھەپتە» دەم ئېلىشى مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت باھانى بېكىتىدىغان، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى سەيلىگاھلارنىڭ كىرىش بېلىتىدە %10 ئېتىبار بېرىلىدۇ، باشقا سەيلىگاھلار بۇنىڭغا قاراپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

  باھا ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ سەيلىگاھلار قاناس، نارات قاتارلىق 5A دەرىجىلىك بەش سەيلىگاھنى، 4A دەرىجىلىك 43 سەيلىگاھنى ۋە 3A دەرىجىلىك 100 دىن ئارتۇق سەيلىگاھنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئالتە ياشتىن تۆۋەن (ئالتە ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى بويى 1.2 مېتردىن (بويى 1.2 مېترنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۆۋەن بالىلارغا بېلەت ئېلىنمايدىكەن، 18 ياش (18 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا يېرىم بېلەت ئېلىنىدىكەن، ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر، مېيىپ ھەربىيلەر، مېيىپ خەلق ساقچىلىرى ۋە مېيىپ خەلق ئەسكەرلىرىگە بېلەت ئېلىنمايدىكەن. 70 ياشتىن (70 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاشقانلارغا بېلەت ئېلىنمايدىكەن.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر