24-سېنتەبىر ، يەر تەۋرىگەندىن كېيىن پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كاراچى شەھىرىدىكى كىشىلەر يۈگۈرۈپ كوچىغا چىقىۋېلىشتى . پاكىستان يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، غەربىي جەنۇبتىكى بالۇچىستان ئۆلكىسىدە شۇ يەر ۋاقتى سائەت 16:29 (بېيجىڭ ۋاقتى 19:29) دە 7.7 بال يەر تەۋرىگەن . بىراق جۇڭگو دۆلەتلىك يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ ئۆلچىشىچە ، پاكىستان (شىمالىي كەڭلىك 27.0 گىرادۇس ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 65.5 گىرادۇس) دا 7.8 بال يەر تەۋرىگەن ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 40 كىلومېتىر.
پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 25-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بالۇچىستان ئۆلكىسىدە 24-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى ئېشىپ 93 كە يەتكەن ، باشقا 200 نەچچە ئادەم يارىلانغان . يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ پاكىستان چېگرا مۇداپىئە ئارمىيەسى باياناتچىسىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىي شەھىرى Quetta دىن 600 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاباران ناھىيەسىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولۇپ ، يۈزدىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىكتىن 80 ئادەمنىڭ جەسىتىنى بايقىغان ، 200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان . ھازىر ئۆرۈلگەن ئۆيلەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان يەنە نۇرغۇن ئادەم بار ئىكەن . خەۋەردە دېيىلىشىچە ، يەر تەۋرەشتە يەنە باشقا رايونلاردا تەخمىنەن 13 ئادەم قازا قىلغان .