باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئارمىيەدىكى رەھبىرى كادىرلار ئۆستۈرۈلسە، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىدۇ

2013.09.25 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى يېقىندا «ئارمىيەدىكى رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى،يېڭى ۋەزىيەتتە رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنىيەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىن ئەتكەن بۇ «پىكىر» رەھبىرى كادىرلارنى باشقۇرۇش-نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنىئىلگىرى سۈرۈلۈشتە مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «پىكىر»دە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئەمەلدارلارنى قاتتىق باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش ۋە ھوقۇقنى تۈزۈمقەپىسىگە سولاش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى تەپتىش قىلىشنىڭ نازارەت قىلىش دائىرىسى، نۇقتىلىق مەزمۇنى، تەشكىلىي شەكلى، باھالاش ئۆلچىمى، تەپتىش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە نەتىجىسىنى قوللىنىش قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. (ياڭ جيەنجۈن، شۈ جىنجاڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر