باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى ئېچىلغان 20 كۈن ئىچىدە، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 760 پارچىدىن ئارتۇق پاش قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالدى

2013.09.25 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:9-ئاينىڭ 2-كۈنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى رەسمىي ئېچىلغان ۋە پاش قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋېلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، كەڭ دائىرىدە دىققەت-ئېتىبارغا سازاۋەر بولدى. 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، جەمئىي تاپشۇرۇۋالغان پاش قلىش ئۇچۇرى 15 مىڭ 253كە يېتىپ،كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن760 نەچچە پارچىدىن توغرا كەلدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى تاپشۇرۇۋالغان توردا پاش قىلىش ئۇچۇرلىرى 19-ئاپرىم ۋە 2-سېنتەبىردىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئاشتى. 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ھەر قايسى چوڭ تور بېكەتلەر بىلەن بىرلىشىپ «توردا نازارەت قىلىش مەخسۇس سەھىپىسى»نى ئاچتى. 8-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300 پارچىغا يېقىن پاش قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالدى. 1-ئايدىن 4-ئاينىڭ بېشىغىچە،كۈنىگە 150 ~ 200 پارچە پاش قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالغانىدى. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى رەسمىي ئېچىلىپ،بېكەتباش بېتىدە «پاش قىلىمەن» ناملىق مەخسۇس سەھپە قۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن توردا پاش قىلىش مىقدارى يەنە بىر قېتىم زور كۆلەمدە يۇقىرى ئۆرلەپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 760 نەچچە پارچىدىن توغرا كەلدى.

  ئىگىلىشىمىزچە، بۇ توردا پاش قىلىش ئۇچۇرلىرى ئاساسلىقى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلاردا ساقلىنىۋاتقان خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، پاك-تەلەپچان بولۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قارىتىلغانىكەن.(مۇخبىر جياڭ جيې خەۋىرى؛ مەركىزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر