باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئۇقۇم مودېلى كۆرگەزمە قىلىندى

2013.09.26 20:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 25-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، 15-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە كۆزگەزمىسى دۆلەت يىغىن مەركىزىدە باشلاندى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانى(AFC)نىڭ ئۇقۇم مودېلى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلاندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ كۈرەشچى ئايروپىلاننى جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى كەلگۈسى خەلقئارا ھەربىي قورال-ياراغ بازىرىنى ئېھتىياجىغا قارىتا پىلانلاپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان كۆپ خىل قوللىنىشچانلىققا ئىگە ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇقۇم تەتقىقاتى باسقۇچىدا تۇرۇۋېتىپتۇ. بۇ ئايروپىلان يالغۇز ئورۇندۇقلۇق، قوش ماتورلۇق، قوش قۇيرۇقلۇق بولۇپ، قۇرۇلمىسى ئادەتتىكى كۈرەشچى ئايروپىلانغا ئوخشايدىكەن، يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارى يۇقىرى، تەننەرخى تۆۋەن بولۇش، قوش ماتورلۇق بولۇش، ئوق-دورا قاچىلاش مىقدارى كۆپ بولۇش، جەڭ قىلىش رادىئوسى چوڭ بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەن، ئۇنىۋېرسال جەڭ قىلىش ئىقتىدارى تىپىك 4-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭكىگە ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلىشىدىكەن. جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىقتىسادشۇناسى ما جىپىڭ مۇنداق دېدى: «كۈرەشچى ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىپ ياساشتىكى مۇھىم نىشانلارنى بىرى يوشۇرۇنۇش تېخنىكىسى، ماتور تېخنىكىسى، ئىلغار ئاۋىياتسىيە ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىسى قاتارلىق ھالقىلىق تېخنىكىلارنى تەكشۈرۈپ دەلىللەشتىن ئىبارەت.» (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر