ئاق ساراينىڭ فوتوگرافى پېت سۇزا بۇ ئەھمىيەتلىك مىنۇتلاردىن خاتىرە قالدۇرۇۋالغان ھەمدە بۇ سۈرەتلەرنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ‹‹Twitter ››دا تارقاتقان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ تۇنجى قېتىم رۇخسەت سوراش خېتى يېزىشى ئەمەسكەن، 2009-يىلى ۋە 2012-يىلى پىرېزىدېنت ئوباما ئۆزىگە ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتنىشىپ مەكتەپكە بارالماي قالغان ئىككى ئوقۇغۇچىغىمۇ رۇخسەت سوراش خېتى يېزىپ بەرگەن ئىكەن.