باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر سوتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى چەكلىدى

2013.09.24 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاھىرە جىددىي ئىشلار سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ۋە بۇ ئۇيۇشما ئەنگە ئالدۇرغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە بارلىق تارماق ئورگانلىرىنىڭ مىسىردىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ھەققىدە كېسىم چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كابىنېت بىر مۇستەقىل كومىتېت تەشكىللەپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەبلىغى ۋە كۆچمەس مۈلۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مال مۈلۈكىنى باشقۇرىدىغان بولدى.

  نىل دەرياسى ئىقتىساد ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەخمەد بەن شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: بۇ كېسىم مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى دائىرىلەر بىلەن داۋاملىق زوراۋانلىق بىلەن قارشىلاشسا، قانۇنسىز تەشكىلات دەپ قارىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ زوراۋانلىق قارشىلىشىشتىن ۋاز كەچكەن ئەزالىرىنىڭ بەلكىم سىياسىيغا قاتنىشىش پۇرسىتى بولۇشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر