باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دوكلاتتا: پۈتۈن دۇنيادىكى بالا ئىشچىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى دېيىلدى

2013.09.24 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى تۈنۈگۈن جەنۋەدە ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2012-يىلى دۇنيادىكى بالا ئىشچىنىڭ ئومۇمىي سانى 168 مىليون بولۇپ، 2000-يىلىدىكى 246 مىليوندىن تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىمى ئازايغان.

  خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى لەندې مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە 2000-يىلىدىن بۇيان دۇنيادا بالا ئىشچىلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىلگىرلەش يەنىلا ناھايىتى ئاستا بولماقتا.

  تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا قارىغاندا، بالا ئىشچى ھادىسىسى نامرات دۆلەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەزى ئوتتۇرھال كىرىمدىكى دۆلەتلەردىمۇ بۇ خىل ھادىسە مەۋجۇت ئىكەن.

  دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: دۇنيادا جەمئىي 85 مىليون بالا ئىشچى خەتەرلىك ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانماقتا، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى، ساغلاملىقى ھەر ۋاقىت تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر