باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرى رۇسىيەدە كۆيدۈرۈلۈشى مۇمكىن(1)

2013.09.24 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرىيە خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىغا ئۆز دۆلىتىدىكى زەھەرلىك ماددىلار زاپىسى تىزىملىكىنى تاپشۇردى. بۇنىڭ مەزمۇنى زەھەرلىك ماددا تۈرلىرى ، زاپاس ساقلاش شەكلى ۋە ساقلانغان ئورۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرى قەيەرگە ئاپىرىلىپ قانداق كۆيدۈرۈلىدۇ؟، ھازىر مۇتەخەسسىسلەر بۇنى تەتقىق قىلماقتا.

  20-سېنتەبىر، سۈرىيە خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىغا ئۆز دۆلىتىدىكى زەھەرلىك ماددىلار زاپىسى تىزىملىكىنى تاپشۇردى. بۇنىڭ مەزمۇنى زەھەرلىك ماددا تۈرلىرى ، زاپاس ساقلاش شەكلى ۋە ساقلانغان ئورۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرغىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ نازارەتچىلىرىنىڭ ئېنىقلاش نەتىجىسى ۋە سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك بۇيۇملىرىنى كۆيدۈرۈشكە ئالاقىدار ھەققىدىكى كونكرېت تەكلىپىنى كۈتمەكتە.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرى تىزىملىكى كونكرېت ۋە تەپسىلىي ھەم ئېنىق بولۇپ، خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى قارار چىقارمىسا بولمايدۇ. بۇنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ خىمىيىلىك قوراللارنى نازارەت قىلىدىغان خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ئورگان مۇنۇلارنى جاكارلىدى: سۈرىيە ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى مۆھلەتسىز كېچىكتۈرۈلىدۇ. خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى خىمىيىلىك قوراللارنى ئېنىقلاش، توشۇش، زاپاس ساقلاش ۋە كۆيدۈرۈشكە كونكرېت تەرتىپ بېكىتىلىدۇ. دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا، سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن مىڭ توننىدىن 1300 توننىغىچە كېلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى سۈرىيەگە بېرىپ، دەمەشق تاپشۇرغان تىزىلىكنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئاندىن كېيىن كونكرېت كۆيدۈرۈش تەدبىرىنى تۈزۈش. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىمىيىلىك قوراللارغا مەسئۇل مۇتەخەسسىسلىرى دەمەشىقتىكى خىمىيىلىك قورال زاپىسىنى كۆيدۈرۈشنىڭ كونكرېت قەدەم باسقۇچلىرىنى ئېنىق بېكىتىشى كېرەك. رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ جەنۋەدىكى سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش ھەققىدىكى كېڭىشىشىمۇ جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.

  20-سېنتەبىر، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شېرگىي ئىۋاننوۋ ستوكگولمدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: سۈرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرىنى قەيەردە ساقلاشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ كېلەر ھەپتە جاۋابى چىقىدۇ. بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، باشار ئەسەد پۈتۈن سۈرىيەنى كونترول قىلمىدى. بىز خىمىيىلىك قوراللارنى زاپاس ساقلاش ئورنىنى ۋاقتىنچە تېخى بىلمەيمىز.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر