باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش توغرىسىدا قارار چىقاردى

2013.08.02 17:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  31 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئاخىرلاشقان ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغداپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش توغرىسىدىكى قارارى›› ماقۇللىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتى چىقىش قىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش ئېنىق، كۈچلۈك قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئەسقەر تۇرسۇن قارار لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بېرىپ مۇنداق دېدى: زوراۋان، تېررورچىلار بىلەن بولغان كۈرەشتە ھېچقانداق مۇرەسسە قىلىش ئىمكانىيىتى يوق، جەزمەن قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ قەتئىي زەربە بېرىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  قارار جەمئىي ئالتە ماددا بولۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، زوراۋان، تېررورچىلارنى قاتتىق جازالاش، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش، ئىغۋا تارقىتىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش ھەم پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  قاراردا مۇنداق دېيىلدى: ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قوغداش بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش›› تەلىپىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى يۈزبەرسە، ھەممىدىن ئاۋۋال قانۇن بويىچە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش، قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە ئورگانلىرى زوراۋان، تېررورچىلارنى قانۇن بويىچە تېزدىن قولغا ئېلىشى، تېزدىن ئەيىبلىشى، ئۇلار ئۈستىدىن تېزدىن ھۆكۈم چىقىرىشى، بولۇپمۇ زوراۋان، تېررورچىلار شايكىلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى ۋە غوللۇق ئۇنسۇرلىرىنى قەتئىي قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىشى، قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقى كېرەك.

  قاراردا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن – نىزام ۋە سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە نورمال دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇپ، دىندىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، نورمال دىن تەرتىپىنى قوغداش كېرەك. قۇتراتقۇلۇق قىلىش، ئىغۋا توقۇشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشقا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ئالاقە تورى، كۆچمە ساقلاش ۋاسىتىلىرى، تەبلىغ قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەلىماتلىرىنى تەرغىپ قىلىش، تەشۋىق قىلىش ۋە تارقىتىش، باشقىلارنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قۇترىتىش جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان