- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
گۇاڭجوۋنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى: پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىلمىي تەتقىقات خىراجىتىنىڭ %60تى كاماندروپكىغا چىقىش ۋە يىغىن ئېچىشقا سەرپ قىلىنىدۇ
2013.08.02 17:12 مەنبە: خەلق تورى
خەۋەر قىلىنىشىچە، گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ دوڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش نەق مەيدانىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىلمىي تەتقىقات خىراجىتىنىڭ ئېھتىمال %40تىلا ھەقىقىي ئىلمىي تەتقىقاتقا ئىشلىتىلىدۇ، %60تى كاماندروپكىغا چىقىش ۋە يىغىن ئېچىشقا سەرپ قىلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، گۇاڭجوۋ شەھەرلىك پەن-تېخنىكا ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى سىستېمىلىق چىرىكلىشىش دىلوسى ۋە گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى لى شىڭخۇانىڭ تەكشۈرۈلۈشى قاتارلىق ۋەقەلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، پەن-تېخنىكا ئۇچۇر سىستېمىسىغا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ۋاڭ دوڭ ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ ساھەدە بۇنچە كۆپ ئىشنىڭ چىقىشى چوقۇم تۈزۈلمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك».
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان