باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىياسىي جەھەتتىكى مالىمانچىلىق سەۋەبىدىن ئىتالىيە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزمەكچى بولىۋاتىدۇ(1)

2013.08.05 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسى يېقىندا 226 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 55ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى ۋە 13 ئاۋازنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشىدەك نەتىجە بىلەن ئىتالىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەنجىلىنو ئارفانوغا ئىشەنمەسلىك قارار لايىھىسىنى ئىنكار قىلدى. گەرچە بۇ نەتىجە بۇ نۆۋەتلىك ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنى ۋاقتىنچە پارلامېنتتىكى ئىشىنىش كرىزىسىدىن ساقلاپ قالغان بولسىمۇ لېكىن ئىتالىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى بىر قاتار سىياسىي مالىمانچىلىقلار ئىتالىيە جامائەتچىلىكى ۋە ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئەسلىدىنلا تەۋرەپ قالغان ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

  بىرىنچى قالايمىقانچىلىق: قانۇنسىز قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەسى ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. يېقىندىن بۇيان تاراتقۇلارنىڭ نەزىرى ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ لوندوندا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن قازاقىستاننىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ، كارخانىچى ئابيازوف ۋە ئۇنىڭ ئايالى سالابايېۋانى قانۇنسىز قوغلاپ چىقارغانلىقىغا مەركەزلەشتى. دەل مۇشۇنداق قارىماققا ئاددىي بولغان قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەسى ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنى ئوسال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. ئابيازوف ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇندىن بۇرۇن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مۇساپىرلار سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە بولغان سىياسىي مۇساپىرنى قوغلاپ چىقىرىپ ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇشى خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىنغان زور ۋەقە ھېسابلىنىدۇ . قازاقىستان پىرېزىدېنتى نەزەربايىف: سالابايېۋانى دۆلەتكە قايتۇرۇشقا ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ھوقۇق بەرگەن دېدى. بۇ ۋەقە بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىدار بولغان ئىتالىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەيما بونىنو بىلەن ئىتالىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەنجىلىنو ئارفانو: بۇندىن بۇرۇن بۇ ئىشتىن قىلچە خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە ئەگىشىپ، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئىتالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا يوللىغان سالابايۋانىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى فاكس ئىتالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلاشقانلىقىنى ھەققىدىكى پولاتتەك ئىسپاتقا ئايلىنىپ قالدى. گەرچە ئىتالىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى سالابايىۋانى ئىتالىيەگە قايتۇرىدىغانلىقىنى، ئىتالىيەنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارىنى سالابايىۋانى يوقلاشقا ئەۋەتكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن سالابايىۋا ئالمۇتادىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىنغان. ئىتالىيە باش مىنىستىرى لەيتا ئىتالىيە دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالەيساڭدېرو پاڭسانى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل قىلدى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل