باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەسىلە بار دەپ قارالغان ‹‹دومېيزى›› سۈت پاراشوگى جۇڭگودا 420 توننا سېتىلدى

2013.08.05 15:35         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئاۋغۇست ، بېيجىڭدىكى مەلۇم چوڭ تاللا بازىرىدا شەھەر ئاھالىسى بالىلار سۈت پاراشوگى جاھازىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەكتە

  4-ئاۋغۇست ، شاڭخەي سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى ئۇچۇر تارقىتىپ ، ئىسكىلاتتا ساقلىنىۋاتقان ‹‹دومېيزى›› ماركىلىق سۈت پاراشوگىنىڭ خام ماتېرىيالى ۋە تەييار مەھسۇلاتىنى ھەمدە كوكاكولا شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسىدىن بۇلغانغانلىقى ئېنىقلانغان .

  جۇڭگو دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى شۇ كۈنى ۋاخاخا ، دومېيزى ، شاڭخەي ھاراق-تاماكا گۇرۇھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى تۆت چوڭ ئىمپورت كارخانىسىنىڭ يېڭى زېلاندىيەنىڭ بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسىدىن بۇلغانغان تەبىئىي مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلغان بولۇشى مۇمكىن ، دەپ قارىدى .

  شاڭخەي شەھەرلىك سۈپەت نازارەتچىلىك تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، دومېيزى شىركىتى يېڭى زېلاندىيەنىڭ بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسىدىن بۇلغانغان مەھسۇلاتىدىن 208.55 توننا كىرگۈزۈپ ، سۈت پاراشوگىغا خام ماتېرىيال قىلىپ ئىشلەتكەن ، ئۇنىڭ ئىچىدە 105.45 توننا ئىشلىتىلىپ ، ئىسكىلاتتا يەنە 103.1 توننا ساقلانغان .

  ۋاھالەنكى ، كوكاكولا شىركىتىنىڭمۇ مەسىلىسى بار سۈت پاراشوگىدىن 4.8 توننا ئىمپورت قىلغانلىقى ئېنىقلانغان .

  ئىگىلىنىشىچە ، مەسىلە بار دەپ قارالغان ‹‹دومېيزى›› سۈت پاراشوگىدىن جۇڭگودا 420 توننا سېتىلىپ بولغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان