سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مۇزىكىلىق تىياتىر ـــ ‹‹ بېشبالىق ›› 3-ئاۋغۇست كەچتە شىنجاڭ دىراما ئۆمىكىنىڭ تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى ، بۇ دىراما خۇيزۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئىنتايىن ئوبرازلىق نامايان قىلىپ بەردى .
مۇزىكلىق دىراما ـــ ‹‹بېشبالىق ›› تا ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتى يىپ ئۇچى قىلىنغان بولۇپ ، يۈەن سۇلالسىىنىڭ ئاخىرى مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە سانجى (ئەينى ۋاقىتتىكى بېشبالىق)دىكى خۇيزۇ ، خەنزۇ ، ئۇيغۇر ، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى ۋە گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقىش جەريانى بەدىئىي يوسۇندا يورۇتۇپ بېرىلگەن .