باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەنشىدە دوختۇر تەرىپىدىن ئالداپ سېتىۋېتىلگەن بوۋاق قۇتقۇزۇۋېلىندى، دېلوغا چېتىشلىق دوختۇر كونترول ئاستىغا ئېلىندى

2013.08.05 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاينىڭ 16-كۈنى، فۇپىڭ ناھىيەسى شۆجېن كەنتىدىكى لەي گوفېڭنىڭ ئايالى فۇپىڭ ناھىيەلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدا يەڭگىگەندىن كېيىن، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن تۇغۇت بۆلۈم مۇدىرى جاڭ شۇشيا «بوۋاق تۇغما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇپتۇ» دېگەننى باھانە قىلىپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى بوۋاقنى داۋالىتىشتىن ۋاز كېچىشكە ۋە ئۆزىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇشقا قىزىقتۇرغان. جاڭ شۇشيا 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە بۇ ئوغۇل بوۋاقنى 21 مىڭ 600 يۈەنگە سېتىۋەتكەن. لەي ئائىلىسى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى دېلو مەلۇم قىلغان، نۆۋەتتە جاڭ شۇشيا ۋە شەنشى بوۋاق ئەتكەسچىلىكى شايكىسىغا چېتىشلىق 3 نەپەر جىنايەت گۇماندارىغا قانۇن بويىچە زورلاش تەدبىرى قوللىنىلدى.

  دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، فۇپىڭ ساقچى دائىرلىرى دېلو تۇرغۇزۇپ ۋە مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 60دىن ئارتۇق كادىر-ساقچىلارنى ئاجرىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ دېلو ئۆلكە ھالقىغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئالداپ سېتىش دېلوسىغا چېتىشلىق بولۇپ، ج خ ئورگانلىرى يېتەرلىك ئىسپات توپلىغاندىن كېيىن، دەرھال فۇپىڭ ناھىيەلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى جاڭ xx گە قارىتا قانۇن تەدبىرى قوللانغان، ھەمدە پۈتۈن كۈچ بىلەن قالدۇق جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئىز قوغلاپ تۇتۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتۈرگەن.

  مەخسۇس دېلو ساقچىلىرى بۆلۈنۈپ شەنشى، خېنەن قاتارلىق ئۆلكە-شەھەرلەرگە ئەۋەتىلىپ، شۇ يەردىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ زىچ ماسلىشىشى ئارقىسىدا، 3000 كېلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، جىنايەت گۇماندارىدىن 6 كىشىنى قولغا چۈشۈرگەن، جاڭ xxدىن باشقا، يەنە شەنشىلىك جىنايەت گۇماندارىدىن 2 كىشىنى (پەن xx، ئايال، سۈي xx، ئەر)، خېنەنلىك جىنايەت گۇماندارىدىن 3 كىشىنى (ۋاڭ xx، ئەر، جۇ xx، ئەر، خۇاڭ xx، ئايال) قولغا چۈشۈرگەن. جاڭ xx، ۋاڭ xx، جۇ xx، خۇاڭ xx جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، پەن xx، سۈي xxنىڭ تۇرالغۇسى نازارەت قىلىنىۋېتىپتۇ.

  ئالداپ سېتىۋېتىلگەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق 4-چېسلا سەھەر سائەت 3تە خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى نېيخۇاڭ ناھىيىسى لياڭجۇاڭ بازىرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇتقۇزۇپ چىقىلغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل