- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدا بىر كۈندە ئىككى قېتىم يەر تەۋرىدى
2013.08.05 15:37 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
جۇڭگو ئاخبارات تورى ئۈرۈمچى 4-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : شىنجاڭ يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىدارىسىنىڭ ئېنىقلىشىچە ، 4-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9:41 دە ، شىنجاڭ غۇلجا ناھىيەسى بىلەن بورتالا شەھىرى چېگرىسى (شىمالىي كەڭلىك 44.4 گرادۇس ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 81.6 گرادۇس ) دا 4.0 بال يەر تەۋرىگەن ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن سەھەر سائەت 0:49 دە شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيەسى بىلەن ئاتۇش شەھىرى چېگرىسى ( شىمالىي كەڭلىك 40.0 گرادۇس ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.1 گرادۇس ) دا 3.6 بال يەر تەۋرىگەن .
ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىكى ئارىلىق 9 سائەت بولۇپ ، مارالبېشى ناھىيەسى ، ئاتۇش شەھىرى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا ، غۇلجا ناھىيەسى ، بورتالا شەھىرى شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان . بورتالا شەھىرى بىلەن غۇلجا ناھىيەسىدە تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولغان .
ئىگىلىنىشىچە ، 3-ئاۋغۇست سەھەر سائەت 7:06 دە ، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيەسىدە 4.6 بال يەر تەۋرىگەن ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان