- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۈرۈمچى شەھىرى شىچېڭ كوچىسىنىڭ 4 يېرىدىكى «يول ئۆڭكۈرى» رېمونت قىلىنىشنى كۈتمەكتە
قاپقاقلىرى بۇزۇلغان ۋە يوقاپ كەتكەن قۇدۇقلار شەھەردىكى يوشۇرۇن «يول ئۆڭكۈرى» بولۇپ قالدى
2013.08.02 17:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردە تورداشلار شىچېڭ كوچىسىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى قۇدۇق قاپقاقلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن ماشىنىلارنىڭ يۈرىشىگە ئېغىر تەسىر يېتىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىر شىچېڭ كوچىسىغا بېرىپ، كىشىلەر ۋە ماشىنىلارنىڭ يۈرىشىگە يوشۇرۇن خەۋپ يەتكۈزىۋاتقان خەتەرلىك قۇدۇق قاپقاقلىرىنى سۈرۈشتۈردى.
بۇ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار سەل قاراپ بولمايدىغان، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، بۇ مەسىلە شەھەرنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە بىخەتەرلىك ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن چوڭ يوشۇرۇن خەۋپ. بىرەر چوڭ مەسىلە چىققاندىن كېيىن قانچە ئېتىبار بەرگەن بىلەنمۇ كېچىككەن بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، يوقاپ كەتكەن قۇدۇق قاپقاقلىرىنى تېزرەك تولۇقلاپ، شەھەر خەلقىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى