خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاۋغۇست ئەتىگەندە، بىنا ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تال پولات لىمنىڭ ئورنىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرى ــــ «شاڭخەي مەركىزى»نىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پۈتتى. پىلان بويىچە قۇرۇلۇش 125 قەۋەت بولۇپ، ئېگىزلىكى 580 مېتىر بولدى. بۇ 5 يىلغا يېقىن ئىلمىي تەشكىللەنگەن بىنا قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنىڭ باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش نىشانى ئوڭۇشلۇق تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. «شاڭخەي مەركىزى» بىناسى شاڭخەي پۇدوڭ رايونى لۇجيازۇي پۇل-مۇئامىلە سودا رايونى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، تاماملانغاندىن كېيىنكى ئومۇمىي ئېگىزلىكى 632 مېتىر بولىدۇ، 2015-يىلى قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ.