خەلق تورىنىڭ 5-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېن 2013-يىللىق شەرقىي ئاسىيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان چاۋشيەنلىك ماھىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاياللار پۇتبول كوماندىسىكى ماھىرلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلىدى ھەم ئۇلارغا سوۋغا تەقدىم قىلدى. كىم جۇڭئېن ئۇلارنىڭ خەلقئارا مۇسابىقىدىمۇ داۋاملىق ئالتۇن مېدال ئېلىپ، چاۋشيەننىڭ شان-شەرىپىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقى ۋە شۇنداق بولۇشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە ئۇلار بىلەن كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
چاۋشيەن پارتىيىسى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن چۆ روڭخېي، جاڭ سوڭساك، كىم يوڭخۈي، گاڭ سوكجۇ قاتارلىقلار تەنتەربىيە ۋەزىرى رى جوڭيۇ، تەنتەربىيە كومېتېتى پارتكوم مەسئۇل شۇجىسى رى جۇبوڭ، كىم ئېرسۇڭ سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جون يوڭنام بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.