باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ۋاڭ يى ۋيېتنامنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فەن پىڭمىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2013.08.05 12:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سۈرەتتە: دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى (سولدا) بىلەن ۋيېتنام دىپلوماتىيە مىنىستىرى فەن پىڭمىڭ (ئوڭدا) سۆھبەت يىغىنىدىن بۇرۇن قول ئېلىشتى.
  خەلق تورىنىڭ 5-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋيېتنامنىڭ پايتەختى خانويدا ۋيېتنام دىپلوماتىيە مىنىستىرى فەن پىڭمىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئوخشاشلا سوتسيالىستىك دۆلەت، ئوخشاشلا ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ جۇڭگو-ۋيېتنام مۇناسىۋىتىگە باشتىن ئاخىرئىستراتېگىيلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنچى بارلىقىنى، ۋيېتنام بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا يۈكسەك ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆز-ئارا مەنپەئەتلىنىپ، مۇقىم ئىجتىمائىي ئاساسقا ۋە خەلق ئارزۇسى ئاساسىغا ئىگە ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ، ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتىمىزنى بىرلىكتە قوغداپ، ھەرخىل رىقابەتلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئىستىراتىگىيىلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  فەن پىڭمىڭ ۋيېتنامنىڭ ۋيېتنام-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغانلىقى، جۇڭگو بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئۆز-ئارا زىيارەتنى ساقلاپ، ھەر ساھەدىكى كونكرېت ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دېڭىز مەسىلىسىنى كۆرسەتمىلىك بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئاساسىي پىرىنسىپلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېڭىز مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 
سۈرەتتە: ئىككى تەرەپ سۆھبەت يىغىنى نەق مەيدانى.




 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى