- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ بۇ يىللىق دەم ئېلىش پائالىيەتلىرى
2013.08.02 17:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بۇ يىل 27-ئىيۇلدىن 2-ئاۋغۇستقىچە، تۇنجى تۈركۈمدىكى 200 مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە 1-ماي ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچى بېيجىڭغا جەم بولۇش، بېيدەيخېدا مەركەزلىك ئارام ئېلىش ئارقىلىق، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى كۆڭۈللۈك، ئۇنتۇلغۇسىز ئۆتكۈزدى.
ئۇلارغا ئوخشاش، بۇ يىل 7-ئايدىن 11-ئايغىچە، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بەش مىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىسىنى 33 تۈركۈمگە بۆلۈپ، بېيدەيخې، چىڭداۋ، شيامېن، خۇاڭشەن، شەنشى، گۈيلىن، خاڭجۇ، لۇشەن، يۈننەن، چۇڭچىڭ، خەينەن قاتارلىق 11 ئارام ئېلىش بازىسىغا ئاپىرىپ دەم ئالدۇرىدۇ. بۇ-مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى دەم ئېلىش پائالىيىتىگە تەشكىللىگەندىن بۇيانقى ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بىر قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ.
مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ئاددىي ئىش ئورنىدا ئاجايىپ نەتىجىلەرنى ياراتقان بولۇپ، مىللەتنىڭ سەرخىللىرى، خەلقنىڭ ئۈلگىلىرى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا بولغان غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، 2000-يىلىدىن تارتىپ، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەر يىلى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچىلەرنى دەم ئېلىشقا تەشكىللەپ كەلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل