باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «كەچلىك بەزمە ۋەقەسى»گە چېتىشلىق تۆت نەپەر ئەمەلدارى خىزمىتىدىن توختىتىلدى

2013.08.05 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست شاڭخەيدىن بەرگەن خەۋىرى: 4-چېسلا چۈشتىن كېيىن، شاڭخەي شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، شەھەرلىك مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ مېكرو بلوگىدا ئېلان قىلىنغان «شاڭخەي شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ كەچلىك بەزمە ۋەقەسى» توغرىسىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شاڭخەي شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ بىرىنچى سوت كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى چېن شۆمىڭ قاتارلىق 4 ئادەم ۋەزىپىسىدىن توختىتىلغان. شاڭخەي شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكى ئالاقىدار زاتلار بۇ ۋەقەنىڭ باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە دېلوغا چېتىشلىق خادىملارنى دەسلەپكى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

  1-ئاۋغۇست، بەزى تورداشلار تورغا سىن ماتېرىياللىرىنى يوللاش ئارقىلىق، شاڭخەي شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ «كوللېكتىپ ئىشرەتخورلۇق» قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. بۇ سىن ھۆججىتى توردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تورداشلار تەرىپىدىن تېزلىكتە تارقىتىلىپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىنى تارتقان.

  2-چېسلا كەچ، شاڭخەي شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، شاڭخەي شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئايرىم-ئايرىم ئىنكاس قايتۇرغان.

  3-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، پاش قىلغۇچى نى ئەپەندى شاڭخەي شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا بېرىپ تەكشۈرۈشكە ياردەملەشكەن.

  شاڭخەي شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن شاڭخەي شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى گېزىتىمىز مۇخبىرىغا، ئەگەر تەكشۈرۈشتە ئىلگىرىلەش بولسا، دەل ۋاقتىدا، ئاشكارا يول بىلەن ئاممىغا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (خاۋ خۇڭ، ۋۇ شىنيۈەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل