باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 52 مىليون 530 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىدى

2013.08.05 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4 مىليون 390 مىڭ ئادەم قۇرغاقچىلىق تۈپەيلى ئىچىملىك سۇ قىيىنچىلىقىغا دۇچار بولدى

  ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشقا ئاتلاندى

  6 مىليون 160 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، 5000 مودىن ئارتۇق يەرنى سۇغاردى

  خەلق گېزىتى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشخانىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 52 مىليون 530 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان، 4 مىليون 390 مىڭ ئادەم ۋە 1 مىليون 740 مىڭ تۇياق ئۆي ھايۋانلىرى قۇرغاقچىلىق تۈپەيلى ئىچىملىك سۇ قىيىنچىلىقىغا دۇچار بولغان. خۇنەن، گۇيجوۋ، خۇبېي قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم رايونلاردا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئېغىر بولغان ۋە ئېغىرلىشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. ئىگلىنىشچە، 7-ئايدىن بېرى، چاڭجياڭ-خۇەيخې رايونى، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئۇدا داۋاملىشىپ، يامغۇر ئاز ياغقانلىقتىن، جېجياڭدا 4 مىليون 712 مىڭ مو ئېتىزلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە، 245 مىڭ مو يەردىن مۇتلەق ھوسۇل ئالغىلى بولمايدىكەن، پۈتۈن خۇنەن ئۆلكىسىدە 12 مىليون 600 مىڭ مو ئېتىزلىق قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچراپ، 1 مىليون 380 مىڭ ئادەمنىڭ ۋاقىتلىق ئىچىملىك سۇ قىيىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، پۈتۈن گۈيجوۋ ئۆلكىسىدە 80 ناھىيە-شەھەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 36 ناھىيە-شەھەردە قۇرغاقچىلىق ئېغىردىن يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەن.

  قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى جايلاردىن بىر مەيدان قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش جېڭى ئېلىپ بېرىشنى جىددىي مۇراجىئەت قىلىدۇ. دۆلەت كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش يېتەكچىلىك ئىشخانىسى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى مەملىكەت بويىچە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش Ⅳ دەرىجىلىك ئىنكاسىنى قوزغىتىپ، 36 خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئاجرىتىپ، يەرلىككە ياردەملىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلارغا ئەۋەتتى. ئالدىنقى مەزگىلدە ئاجراتقان 1 مىليارد 650 مىليون يۈەن مەركەزنىڭ پەۋقۇلئادە چوڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ياردەم پۇلى ئاساسىدا، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى يەنە بىر تۈركۈم پەۋقۇلئادە چوڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ياردەم پۇلى ئاجرىتىپ، ئاپەت رايونىنى يۆلىدى. (مۇخبىر چېن رېنزې، ۋاڭ خۇيمىن، جوۋ لىيۈن، خوۋ لىنلياڭ، ۋاڭ جىچۇۋ)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل