گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى
2013.08.05 16:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا 2013 – يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا چارۋامال، ئۆي قۇشلىرىنى شەخسلەر ئۆز ئالدىغا سويۇش، ئۆلتۈرۈش ۋە ‹‹گۆشكە سۇ باستۇرۇش›› قاتارلىق قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى مەخسۇس تۈزەپ، كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن چارۋامال، قۇش گۆشلىرىنى سېتىۋېلىپ پىششىقلاش، چارۋامال، ئۆي قۇشى گۆشلىرىگە سۇ باستۇرۇش ياكى گۆشكە باشقا ماددىلارنى قوشۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاش تەلەپ قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان