باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

IMFنىڭ باش كاتىپى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى ئاقىلانە تەدبىر، دېدى

2013.08.05 16:19         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى(IMF )نىڭ باش كاتىپى لىن جيەنخەي 2 – ئاۋغۇست بېيجىڭدا: دۇنيادا ئىقتىسادىي ئېشىش ئومۇميۈزلۈك ئاستىلىغان ئەھۋالدا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىش ۋەزىيىتى كىشىنى مەمنۇن قىلىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىنى دانا تەدبىر دېيىشكە بولىدۇ، دېدى.

  لىن جيەنخەي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادتا تېزرەك ئېشىش ساقلاپ قېلىنغان، پۇل پاخاللىشىش تىزگىنلەنگەن، خەلقئارا كىرىم – چىقىمدا ئاز تولا پايدا كۆرۈلگەن، مالىيە ئەھۋالى نىسبەتەن مۇقىملاشقان. بۇ ئەھۋاللار كىشىنى مەمنۇن قىلىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئوبيېكتىپ ئىقتىسادىي قانۇنىيەتتىن قارىغاندا، ئىقتىساد تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە، بايلىق، ئەمگەك كۈچى ئەۋزەللىكى يوقىلىدۇ، شۇڭا ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئېشىش سۈپىتىنى ياخشىلاش كېرەك. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئىلگىرىكى نوقۇل تېز ئېشىشنى قوغلىشىشتىن، ئېشىش سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىشكە يۈزلەنگەنلىكى تولىمۇ ئاقىلانە تەدبىردۇر.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان