باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىززەت ئابدۇراخمان ۋە ئۇنىڭ ھەقسىز قىرائەتخانىسى

2013.08.07 10:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىززەت ئابدۇراخمان ئون يىل ئىلگىرى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ بۆرەك ئالماشتۇرغان، ئۈچ يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، قان تازىلىتىشقا باشلىغان.

  كىچىكىدىنلا كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئىززەت ئون يىل ئىلگىرى تۇرپاندا ھەقسىز قىرائەتخانا ئاچقان، لېكىن،ئۈچ ئايدىن كېيىن سالامەتلىكى ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرمەي بۇ قىرائەتخانىنى تاقاشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ بۇ يىل 3 – ئايدا ھەقسىز قىرائەتخانىنى قايتىدىن ئېچىش قارارىغا كەلگەن.

  ئىززەت ئۆيىدىكىلەرگە ھەقسىز قىرائەتخانىنى قايتىدىن ئېچىش ئويىنى ئېيتقاندا، ئۆيىدىكىلەر داۋالىنىشىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلمىدى. ئىززەت ئۆيىدىكىلەرگە قايتا – قايتا خىزمەت ئىشلەپ، ئاخىرى ئۇلارنى كۆندۈرۈپ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى ئەتراپىدا ھەقسىز قىرائەتخانا ئاچتى. قىرائەتخانىغا ئۆزى ساقلىغان 1000 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ۋە ژۇرنالنى كىشىلەرنىڭ ھەقسىز كۆرۈشى ئۈچۈن تىزىپ قويدى. ئىززەت مۇنداق دېدى: ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە كۈنلىرى دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تازىلىتىمەن، بۇ كۈنلەردە قىرائەتخانىغا قارايدىغان ئادەم يوق بولۇپ قالىدۇ، قىرائەتخانىنى ئاچقان ئۈچ ئايدىن بۇيان بۇ يەردىكى كىتابلارنىڭ بىرسىمۇ يوقاپ كەتمىدى، ئەكسىچە كىتابلار كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ.

  نۇرغۇن ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئىززەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۇنىڭ خالىس ئىش – ھەرىكىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭغا بەس – بەستە ياردەم قولىنى سۇندى. ئىززەت باشقىلار ئىئانە قىلغان پۇللارغا ئورۇندۇق ۋە ئۈستەل سېتىۋېلىپ، ھەقسىز قىرائەتخانىدىن يەنە ئوننى ئاچتى.

  ئوقۇرمەنلەر كىتاب ئوقۇشتىن خۇشاللىق تاپالىسىلا، كېسەل ئازابىنى ئازراق بولسىمۇ ئۇنتۇيمەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر بىر مەھەللە ۋە ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە مۇشۇنداق ھەقسىز قىرائەتخانا تەسىس قىلىنغان بولسا قانچىلىك ياخشى بولاتتى – ھە!، دېدى ئىززەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل