باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن يەمەن زۇڭتۇڭلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىشىش ۋە جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى

2013.08.05 16:20         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 1 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 1 – ئاۋغۇست ئاق سارايدا زىيارەتكە كەلگەن يەمەن زۇڭتۇڭى ھادى بىلەن كۆرۈشۈپ، يەمەن سىياسىي ئۆتكۈنچى دەۋرى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىش ۋە ئامېرىكا گۋانتانامو تۈرمىسىدىكى يەمەنلىك جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق مۇزاكىرىلەشتى.

  ئۇلار كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئېلان قىلغان قوشما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بىز يەمەننىڭ پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ كېلىشتۈرۈش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان تەدبىرلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتۇق. ئوباما: يەمەننىڭ مۇقىملىقى، خەۋپسىزلىكى، گۈللىنىشى ۋە بىرلىكىگە مەدەت بېرىمىز، دەپ تەكىتلىدى.

  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئامېرىكا – يەمەن ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئوباما ھۆكۈمىتى يەمەن ئارمىيەسىنىڭ ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى شۆبىسىگە زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ھادى زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى كۆپ قېتىم ئىشلەتتى. ئوباما: ھادى ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ‹‹ئۈنۈملۈك ھەمكارلاشقان››لىقىغا رەھمەت، دېدى.

  قوشما باياناتتا گۋانتانامو تۈرمىسىدىكى جىنايەتچىلەر مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا – يەمەن ھۆكۈمەتلىرى پائال ھەمكارلىشىدۇ، ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇقىملاشتۇرۇلغان يەمەنلىك جىنايەتچىلەر تېز قايتۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان