- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم-كېچەك بايرىمى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئۈرۈمچى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مودا شەھەر بولدى
2013.08.01 17:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2013-يىللىق «ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكى»گە روسىيە، تۈركىيە،ئىسپانىيە، قازاقىستان، ئۆزبىكىستان قاتارلىق 8 دۆلەت ۋە رايوندىكى داڭلىق لاھىيەلىگۈچىلەر ۋە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئىچ كىيىم مەھسۇلاتلىرىدىن ئەيمۇ ئىچ كىيىملىرى تەكلىپ قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئېسىل كىيىم-كېچەك ماركىلىرى بىلەن بىرگە سەھنىگە چىقىدۇ. 20 مەيداندىن ئارتۇق مودا كىيىم كۆرسىتىش پىلانلانغان بولۇپ، ھەقىقىي ئىسمى جىسمىغا لايىق ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىملىرىنىڭ كاتتا يىغىلىشى بولىدۇ.
«ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكى» ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم-كېچەك بايرىمىنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىدىن بىرى. ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم-كېچەك بايرىمى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى