باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورلىدا ئۇيغۇر يىگىت شىددەتلىك ئېقىنغا سەكرەپ چۈشۈپ ئىككى قىزنى قۇتقۇزۇۋالدى

2013.08.01 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «نىمە ئىش؟ جىسمانىي ئىش بولسىلا قىلىۋېرىمەن» 27-ئىيۇل سائەت ئونلاردا، شىنجاڭ كورلا شەھىرىنىڭ ئوبلاستلىق يولۇچىلار بېكىتى ئەتراپىدىكى 18-تۇەن ئۆستىڭىدىكى كۆۋرۈك بېشىدا، قەشقەردىن كەلگەن ئۇيغۇر يىگىت ئىمام مۇھەممەت ئىش ئىزدەش بىلەن ئالدىراش.

  نەچچە ئون مېنۇت ئىلگىرى، ئىمام مۇھەممەت كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، شىددەت بىلەن ئېقىۋاتقان 18-تۇەن ئۆستىڭىگە سەكرەپ چۈشۈپ، ئىككى خەنزۇ ئاممىنى قۇتقۇزۇۋالدى. «مەن بىر ئادەم قۇتقۇزۇۋالمىغان، قۇتقۇزۇشقا قاتناشقانلارنىڭ ئىچىدە خەنزۇلارمۇ بار، ئۇيغۇرلارمۇ بار، ھەممىمىز مۇشۇ يەردە ئىش ئىزدەۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر، تەخمىنەن نەچچە ئون كىشى بار.» ئىمام مۇھەممەت تېخى بايىلا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاممىنى پىداكارلىق بىلەن قۇتقۇزغان ئىشىنى ئاددىيغىنا تەسۋىرلەپ بەردى.

  ئۆزلۈكىدىن شەكىللەنگەن بۇ ئەمگەك كۈچى بازىرىدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىن كەلگەن قىسقا مۇددەتلىك ئىشلەپ جان باقىدىغان كىشىلەر ياللىغۇچىلار بىلەن باھا تالاشماقتا، بايا يۈز بەرگەن ھەيران قالارلىق مەنزىرە گويا ئۇلارنىڭ ئېسىدىن تېزلا كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەك قىلاتتى. «بىرسى سۇغا چۈشۈپ كەتسە ئۇنى قۇتقۇزماسلىق ـــ ئادەمگەرچىلىك ئەمەستە». ئىمام مۇھەممەتكە ئوخشاش، قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان خېلى كۆپ دېھقان ئىشلەمچىلەر ئادەم قۇتقۇزۇشنى ئەدەتتىكىلا بىر ئىش، ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس دەپ قارىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان