باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر ۋەزىيىتى بەش چوڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى(2)

2013.08.01 13:21         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەمدۇ،-يوق ؟ ئىقتىسادىي مەسىلە مۇرسىنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. نۆۋەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە كۇۋەيت مىسىرنى 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، شەك–شۇبىھىسىزكى، بۇ مىسىرغا نىسبەتەن «مۇزلىغاندا ئوت بەرگەن» دەكلا بىر ئىش. بىراق بۇ ئىقتىسادىي ياردەمنى قەيەرگە ئىشلىتىش، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن ئېغىر بىر تاللاش.

  5. سىرتقى كۈچلەرنىڭ تەسىرى. ئامېرىكا بۇ قېتىمقى ئۆزگىرىشنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قوللىغۇچىسى دەپ قارالماقتا. ئامېرىكا ئېغىزىدا مىسىردىكى ھەر قانداق بىر تەرەپنى قوللىمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ھەربىي تەرەپنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقى ھەممىگە ئايان. بۇنىڭدىن باشقا، مىسىردا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر قايتىدىن سەپكە تىزىلدى. سۇرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر مىسىردىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ «تارىخى ئەھمىيىتى»نى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى، تۈركىيە، تۇنىس قاتارلىق دۆلەتلەر ھەربىي تەرەپنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى. ھازىر قوللىغۇچى تەرەپلەر مىسىر ھەربىي تەرەپكە ياردەم قولىنى سۇندى، ئەگەر ئۆكتىچىلەرمۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنى قوللىسا، ئۇنداقتا مىسىرنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلىشىپ، ئوڭشىغىلى بولمايدۇ.

  ھازىر، مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيى. دەل مۇشۇنداق رامىزان ئېيىدا قەلبلەرنىڭ تازىلىنىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر ئىدراكى ۋە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىدە تۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى بىر تەرەپ قىلسىلا، مىسىردىكى قالايمىقانچىلىق ۋەزىيەت بەلكىم ياخشىلىنىپ، دۆلەت سىياسىي يارىتىش يولىغا قايتىدىن قەدەم بېسىشى مۇمكىن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل